باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ

2015.04.08 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر كوجىما ياسۇيو بىلەن كۆرۈشتى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 7 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى، ياپونىيەلىك دوست كوجىما ياسۇيو بىلەن كۆرۈشتى.

  كوجىما ياسۇيو ئەپەندى 1982 - يىلىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو شىنجاڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 140 نەچچە قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، ئاساسلىقى دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، جۇڭگو - ياپونىيە خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىگە كۈچ قوشقان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن 100دىن كۆپ ھەمكارلىق تۈرى تۈزۈشكەن.

  شۆھرەت زاكىر كوجىما ياسۇيونىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كوجىما ياسۇيو ئەپەندى جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەت ئىشلىدى. ھازىر دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلىدۇ. بىز كوجىما ياسۇيو ئەپەندىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى، بېرىش - كېلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپرەك تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بىز كوجىما ياسۇيو ئەپەندىنىڭ تەنتەنىلىك مەرىكە مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ كۆپرەك كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كوجىما ياسۇيو مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقان بىر چەت ئەللىك شاھىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئازراق كۈچ چىقارغۇم بار. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تارقاتقىلى بۇ يىل 30 يىل بولۇپ قالدى، مەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى يەنە بەش يىل ئۇزارتىشنى ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئۆستۈرۈشنى خالايمەن. شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرى، مەدەنىيەت خارابىلىكلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر