باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 - ئاپرېل باشلىنىدۇ

2015.04.09 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىل يېزىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا دائىر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ تۈردە مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەدىن 50 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ تۈرگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 32 نامرات ناھىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ بۇ تۈر يولغا قويغان يېرىدە نوپۇسى بولۇشى، نوپۇسنى ئورناتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى ھەم شۇ جايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش تارىخى ئۈچ يىلغا توشقان بولۇشى، شۇنداقلا ھازىرمۇ ئوقۇۋاتقان بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ تۈرنى يولغا قويۇشنى بېكىتكەن رايونلارنى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى 15 - ئاپرېلدىن بۇرۇن ئېلان قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار 15 - ئاپرېلدىن 5 - مايغىچە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قۇياش نۇرى سۇپىسى»دا تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى 3 - ئىيۇندىن بۇرۇن بېكىتىلىپ، تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىش خىزمىتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر