باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان

2015.03.31 18:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستاتىستىكا ئۇچۇر تورى Nation Master خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ ساپ كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان. قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 614 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى دۇنيا بۇيىچە 130-ئورۇندا (360 ئامېرىكا دوللىرى)، قىرغىزىستاننىڭ دەرىجىسى 136-ئورۇندا (350 ئامېرىكا دوللىرى) تۇرىدىكەن. تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ دەرىجە تۇرغۇزۇشقا قاتناشمىغان.

  2014-يىل كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت شىۋېيتسارىيە، ئاھالىسىنىڭ باجدىن كېيىنكى ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 6300 ئامېرىكا دوللىرى. 2-ئورۇندا لىيۇكسېمبۇرگ (4400 ئامېرىكا دوللىرى)، 3-ئورۇندا زامبىيە (جەنۇبىي ئافرىقىدا، 4400 ئامېرىكا دوللىرى) تۇرغان.

  جەمئىي 162 دۆلەت رەت دەرىجە تۇرغۇزۇشقا قاتناشقان بولۇپ، رەت دەرىجىسى ئەڭ ئاخىرىدا تۇرغان دۆلەت كۇبا، ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 25 ئامېرىكا دوللىرى. كەينىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندا گامبىيە «غەربىي ئافرىقا، 39.37 ئامېرىكا دوللىرى)، كەينىدىن سانىغاندا 3-ئورۇندا نېپال (166 ئامېرىكا دوللىرى) بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر