ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگلىيە Stylfile شىركىتى كىچىك شاھزادە جورجىنىڭ بىر ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن، بىر مىليون فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 10 مىليون 60 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) قىممىتىدىكى ئالماس كۆزلۈك تىرناق ئالغۇچتىن بىرنى ياسىغان . ئىگىلىنىشىچە ، ھۈنەرۋەنلەر بۇ تىرناق ئالغۇچنى شاھزادىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، ئون ھەپتىگە يېقىن ۋاقىتتا ياساپ چىققان.بۇ تىرناق ئالغۇچقا 350 دانە ئالماس كۆز قويۇلغان بولۇپ، ھەربىر تال ئالماسنىڭ باھاسى ئىككى مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 21 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) ئەتراپىدا ئىكەن.