باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

2015.03.26 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، قازاقىستان زوڭلىسى كەرىم مەسىموف 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جۇڭگودا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

  مەسىموف 1965-يىلى 6-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئاستانادا تۇغۇلغان بولۇپ، روسىيە لۇمۇمبا دوستلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرى. 1988-يىلدىن 1991-يىلغىچە بېيجىڭ تىل ئىنىستىتۇتى ۋە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 2008-يىلى 4-ئايدا ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن.

  مەسىموف قازاقىستان تاشقىي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش باشقارمىسىدا مۇتەخەسسىس، «قازاقىستان سودىگەرلەر ئائىلىسى»نىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئىجرائىيە دېرىكتورى، قازاقىستان خەلق ئامانەت بانكىسىنىڭ باش لېدىرى، ترانسپورت-ئالاقە مىنىستىرى، مۇئاۋىن زوڭلى ۋە زوڭتوڭ ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  مەسىموف 2007-يىلدىن 2012-يىلغىچە زوڭلى بولغان، 2012-يىلدىن 2014-يىلغىچە زوڭتوڭ كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2014-يىلى 4-ئايدا قايتا زوڭلى بولغان. ئۇ روس تىلى، خەنزۇ تىلى، ئېنگىلىز تىلى ۋە ئەرەب تىلى بىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر