باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇھىم نۇقتىلىرىنى بېسىپ تارقاتتى

بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز

2015.03.24 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «2015-يىللىق مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» (تۆۋەندە «مۇھىم نۇقتا» دەپ قىسقارتىلىدۇ) دا، بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنىت تورى بىلەن پۈتۈن قاپلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە كەڭ بەلباغقا ئۇلىنىش %50تىن يۇقىرى بولۇپ، توردا ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «مۇھىم نۇقتا»غا ئاساسەن، 2015-يىلى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئۆگىنىش بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش سانى 45مىليونغا يېتىدۇ، %50ئوقۇتقۇچى ۋە %30تولۇقسىزدىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي نامدىكى توردا ئۆگىنىش بوشلۇقى بولىدۇ ھەمدە مائارىپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر