باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئېلېكترونلۇق سودا ھەرگىزمۇ «مەۋھۇم ئىقتىساد» ئەمەس

2015.04.02 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 1-ئاپرېل ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يەنە بىر قېتىم قوللىدى.

  يىغىندا ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش تەدبىرلىرى، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يېتىشتۈرۈش بېكىتىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق سودا ئوبوروت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كېرەك: ئالدى بىلەن «پائال ئىلگىرى سۈرۈش»، ئاندىن «تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇش».

  ئېلېكترونلۇق سودا، تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقىمۇ تۈرتكە بولدى

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق سودا كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان ئەھۋالدا، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئازلىماستىن بەلكى كۆپەيدى، بۇنىڭدا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تۆھپىسى بار. لېكىن كەسپىي ھالەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېلېكترونلۇق سودا يەنىلا زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

  ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلېكترونلۇق سودا، تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقىمۇ تۈرتكە بولدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق سودىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ! بەزىلەر ئېلېكترونلۇق سودىنى «ئىككىنچى ھايانكەش»، دۇكان، زاۋۇتلاردىن مەھسۇلات سېتىۋېلىپ توردا ساتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. مەن جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، بەزى تور دۇكانلىرى ئىلگىرىكى خەلقئارالىق چوڭ تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، توردا زاكاز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن زاۋۇتقا بېرىپ مال كىرگۈزىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق سودىنى ھەرگىز «مەۋھۇم ئىقتىساد» دەپ قارىماڭ، مەيلى B2B، B2C ياكى C2C بولسۇن ئەمەلىيەتتە ئۇ «ئەمەلىي ئىقتىساد»نىڭ ئېشىشىغا زور دەرىجىدە بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئېلېكترونلۇق سودا ئوبوروت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، بۇنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر