باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي ئورۇنلارنى تەڭشەش سالمىقى كۈچەيتىلدى

2015.04.07 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان شىتات خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئورگان شىتات خىزمىتىدە مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز روھىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورگان شىتاتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىسلاھات ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسسىيە ئۆزگەرتىش ۋە ئورگان ئىسلاھات لايىھەسى»نى تەشكىللەپ يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاخبارات-نەشىرىيات رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەت-باشقۇرۇش ئىدارىسى قايتا تەشكىللەندى، سودا-سانائەت، سۈپەت تەكشۈرۈش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشتىكى دەسلەپكى پىكىر تەتقىق قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ۋىلايەت-ناھىيە ھۆكۈمەت ئورگان ئىسلاھاتىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەندى.

  مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، رەتلەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان 368تۈر، 302كىچىك تۈر، بىكار قىلىنغان ۋە تەڭشەلگەن 767تۈر بېكىتىلىپ ئېلان قىلىندى، قىسقارتىش نىسبىتى %41كە يەتتى. سىياسەت ئۆلچىمى چىڭ تۇتۇلۇپ، تۈرلەر ئىلمىي ئايرىلىپ، كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى ئاساسەن تاماملاندى. بۇ ئاساستا، كەسپىي ئورگانلارنى بىكار قىلىش، بىرىكتۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش سالمىقى كۈچەيتىلدى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورگان 101گە ئىخچاملاندى، يىغىۋېلىنغان كەسپىي شىتات 4388بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆچۈرۈلگەن باشقارما دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسى 124نەپەر بولدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر