باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹يىرىك پىلان تېزىسى››نى تارقاتتى

2015.04.07 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹مەملىكەت بويىچە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى يىرىك پىلانى تېزىسى(2015 – 2020)›› نى تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى سەپلەپ، مۇلازىمەتنىڭ قولايلىق بولۇشى، ئىقتىدارى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاپ، جايلارنىڭ رايونلار ئارا ساقلىقنى ساقلاش يىرىك پىلانى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈپ چىقىشى ۋە يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ، دۆلەت تۈزۈپ چىققان داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىغا ئائىت تۇنجى يىرىك پىلان بولۇپ، داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  ‹‹يىرىك پىلان تېزىسى››دە تۆۋەندىكىدەك بەش جەھەتتىكى كونكرېت ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە 2020 – يىللىق داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئومۇمىي سانى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە كارىۋات سانىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ 2020 – يىللىق سەۋىيەسى بىلەن ئۆزئارا ماس كەلگەن 1000 كىشىلىك كارىۋات سانىنى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا، 2020 – يىللىق ھەر 1000 دائىملىق نوپۇسنىڭ داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى كارىۋات سانىنى ئالتە كارىۋات قىلىپ تىزگىنلەش كېرەك. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل داۋالاش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ماس كېلىدىغان يەككە كۆلىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىچكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كارىۋات ئۆلچىمى، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش جەھەتلەردە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، 2020 – يىلى ھەر 1000 كىشىلىك دائىمىي نوپۇسقا 1.5 كارىۋاتتىن كەم بولماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشى ئۈچۈن، يىرىك پىلاندا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش؛ چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش بوشلۇقىنى ئالدىن ئويلاشقاندىن سىرت، يەنە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان يېڭىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، شەخسىي شىپاخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراتماسلىق كېرەك. تۆتىنچى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى سەپلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ھالقىسىنىڭ تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دوختۇرخانا، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، كەسپىي جامائەت پاراۋانلىق ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىنى سەپلەش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىشانى ۋە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش بىلەن ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىلدىكى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمىتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئەندىزىسىنى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا سىستېمىلىق، سىجىل ۋە ئەتراپلىق داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر