باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31- پايتەخت ئومۇم خەلق مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە بېيجىڭ شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ يېشىللىقنى كۆپەيتتى

2015.04.07 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھار كېلىشى بىلەن، ھەممە جاي يېشىلىققا پۈركۈنۈپ، كۆچەت تىكىشنىڭ ياخشى مەزگىلى يېتىپ كەلدى. تۆنۈگۈن، پايتەخت بېيجىڭ 31-قېتىملىق ئومۇم خەلقنىڭ مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش كۈنىنى كۈتۈۋالدى. شەھەر ئاھالىسى سىرتلارغا چىقىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، يېشىللىق بەرپا قىلىپ، تەشۋىقاتقا قاتنىشىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، گۈزەل بېيجىڭغا تېخىمۇ كۆپ يېشىللىق ئاتا قىلدى.

  1985-يىلى بېيجىڭ شەھىرى پايتەخت ئومۇم خەلق مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش كۈنى تەسىس قىلغان ئىدى. 1996-يىلىدىن باشلاپ، پايتەخت ئاممىسىنىڭ مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش كۈنى ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدىكى بىرىنچى دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ تەڭشەلدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون ناھىيىلەر ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، شەكلى خىلمۇ خىل مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. شەھەر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە يېشىللاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان يەر ئانچە كۆپ ئەمەس، شەھەر ئاھالىسىنى كۆپ خىل شەكىلدە يېشىللىق بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى چوڭ مەھەللىلەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن باشلاپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى يېشىل جايلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يېشىللىقنى ئاسىشى ھەمدە ئاھالىلەرگە مايسا، ئۇرۇق، كۆكتات ئۇرۇقى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ بوش يەر بولسىلا مايسا تىكىپ، ئۇرۇق تېرىپ، ئائىلىدە، مەھەللىلەردە، ئىدارە ئورۇنلاردا، مەكتەپلەردە دەرەخ تىكىپ، يېشىللاشتۇرۇش ۋە گۈزەللەشتۈرۈشنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  شەھەر چېتى كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، شەھەر چېتىدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيىلەر مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش بىلەن تۈزلەڭلىكتە ئورمان ئەھيا قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەسى رۇشەن بولغان مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  تولۇقسىز مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، پايتەختنىڭ 31- ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بېيجىڭ شەھىرىدە 1 مىليون 600 مىڭ كىشى شەكلى خىلمۇ خىل بولغان مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، تۈرلۈك دەل دەرەختىن 1 مىليون 400 مىڭ تۈپ تىككەن، 5 مىليون 570 مىڭ تۈپ دەرەخنى پەرۋىش قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر