خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاپرېل، سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ چەت سىرتىدىكى دالايا كەنتىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئىچىدە، بىر مەرگەن ئايال ۋەزىپە ئىجرا قىلشىقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
سۇرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدە، 800 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئايال ئەسكەرلەر ئەترىتى بار. بۇ ئەترەت 2013-يىلى يازدا قۇرۇلغان، ئايال ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، بىر يىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ، مەرگەنلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. سۇرىيەدىكى ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسانغاندا، بۇ ئايال ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى پىدائىي ئەسكەرلەر بولۇپ، 30 يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ، لېكىن، ئالدىنقى سەپتە ئۈچ يىل تۇرسىلا ئارقا سەپكە ئالمىشىپ داۋاملىق خىزمەت قىلسا بولىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ نەيجېيى فوتوسى)