باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2015.04.02 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەش

  ئىسلاھات روھىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پىلانلاش

  لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 1- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە مۇھىم رولىنى چىڭ ئىگىلەپ، غەيرەت شىجائەتلىك بولۇپ، ئىسلاھات تەپەككۈرىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش، پىلانلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلققە چاقىرىق قىلالايدىغان، ئىسلاھاتقا ماسلىشالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ دائىمى ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش پىلانى(2015- يىلدىن 2020- يىلغىچە)»، «شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»، «خەلق زاسداتىللار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»،«خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى پىكرى»، «پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش پىلانى(2015- يىلدىن 2020- يىلغىچە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر