باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ جامائەتچىلىكى نېگىزلىك قانۇننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى

2015.04.07 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-مارت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. شياڭگاڭدىكى تاراتقۇلار بەس بەستە ماقالە ئېلان قىلىپ، نېگىزلىك قانۇننىڭ شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى مۇقىم بولىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، نېگىزلىك قانۇننى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، نېگىزلىك قانۇننىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  شياڭگاڭدا چىقىدىغان كىنەز گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شياڭگاڭ جەمئىيىتى نېگىزلىك قانۇننى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ يادرولۇق قىممىتىنى قوغدىشى لازىم. نېگىزلىك قانۇن بويىچە تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. مۇنداق قىلغاندىلا شياڭگاڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن مۇقىم گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىيالايدۇ.

  شياڭگاڭدا چىقىدىغان ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 25 يىللىق تارىخ نېگىزلىك قانۇن شياڭگاڭنىڭ تىلتۇمارى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئۇقتۇردى. نېگىزلىك قانۇننى قىلچە تەۋرەنمەستىن ئىزچىل ئىجرا قىلىش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىل گۈللىنىشى مۇقىم بولىشى، بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ ئەمەلىي توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  شياڭگاڭدا چىقىدىغان سودا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورچى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم قانۇنى . نېگىزلىك قانۇن بولمىسا بۈگۈنكى شياڭگاڭ بولمىغان بولاتتى، نېگىزلىك قانۇن شياڭگاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئۇل تېشى. ئەگەر نېگىزلىك قانۇندىن ئايرىلىدىغان بولسا، شياڭگاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر