باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى ئارقىلىق ياشانغانلار ئىگىلىكىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچايلى

2015.04.07 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 7-سانىغا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى ئارقىلىق ياشانغانلار ئىگىلىكىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچايلى ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېسىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى تىزلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىق ئالاھىدىلىككە ئايلاندى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك جىددىي ۋەزىپە. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ساغلام تىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-،4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قېرىلىشىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى تەلەپنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە ئىگە بولۇش، ياشانغاندا دوختۇرخانىغا كۆرۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا ياردەمگە ئىگە بولۇش، ياشانغادا تەربىيىلىنىشكە ئىگە بولۇش، ياشانغاندا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش، ياشانغاندا خۇشال ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشنى ئاساسىي نىشان؛ ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك ، كۆپ خىل، يۇقىرى سۈپەتلىك قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ؛ سىياسەت تۈرتكە بولۇش، كارخانىلار قاتنىشىش، بازار ھەرىكەتلەندۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش، جەمئىيەت مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەپەككۇر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارانىڭ تەجرىبىلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن، كۆپ خىل ھالەتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىي تەرەققىيات قېلىپىنى تىز شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنىڭ ئەھمىيىتى زور، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى ئىنىچكە ئىش، كۆپ سانلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ كىيىم كېچەك ، يېمەك ئىچمىكى ، تۇرالغۇسى، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىدىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ۋە ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر