باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي يىللىق پۇل كۈتۈنۈشكە يەنىمۇ كۈچ قوشتى

2015.04.07 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا «ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي يىللىق پۇل تۈزۈمى»نى ئېلان قىلدى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات-تەتقىقات مەركىزى جامائەت باشقۇرۇش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گۇڭ سېن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كەسپىي يىللىق پۇلنىڭ ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  كەسپىي يىللىق پۇل كۈتۈنۈشنى تولۇقلاپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يېتىشمەسلىكتىن تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  گۇڭ سېن مۇنداق دېدى: كەسپىي يىللىق پۇل كۈتۈنۈش كاپالىتىنى تولۇقلايدىغان تۈزۈم بولۇپ ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە. بىرىنچى، كەسپىي يىللىق پۇل تولۇق مەنىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياكى سودا سۇغۇرتىسى بولماستىن بەلكى ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، مائاش تەمىناتىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككىنچى، كەسپىي يىللىق پۇلنىڭ جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولۇپ، كەسپىي يىللىق پۇل ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن ئورنىتىلغان كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى. ئۈچىنچى، كەسپىي يىللىق پۇل مەبلىغىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى قىممەتنى ساقلاپ ئۆستۈرۈش بولۇپ، كەسپىي يىللىق پۇل مەبلىغى مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىچكى تەلىپىنى بېكىتىدۇ.

  كەسپىي يىللىق پۇلنىڭ مۇنداق ئىككى رولى بار. بىرىنچى، كۈتۈنۈشنى تولۇقلاش. «چارە»دە، خىزمەت ئورۇنلىرى ئۆز خىزمەت ئورنى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ٪8 بويىچە كەسپى يىللىق پۇل تاپشۇرىدىغانلىقى، شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مائاشىنىڭ ٪4 بويىچە تاپشۇرىدىغانلىقى بۇنى خىزمەت ئورنىنىڭ ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ماھىيەتتىن قارىغاندا، كەسپىي يىللىق پۇل ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ بېرىش بولۇپ، بۇ خىل كېچىكتۈرۈپ بېرىشنىڭ مەقسىتى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يېتىشمەسلىكتىن تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەلگۈسىدە پېنسىيىگە چىقىپ كۈتۈنۈشىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كەسپىي يىللىق پۇل كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئورنىغا قويۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە بېسىمىنى يەڭگىللىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سىلىق ئۆتۈشىگە پايدىلىق. ئىككىنچى، كادىرلارنى باشقۇرۇش. كەسپىي يىللىق پۇل تۈزۈمى ئورنىتىش ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئېلىپ قېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر