باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا سەھىيە كۈنى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى

2015.04.09 14:55   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

دۇنيا سەھىيە كۈنى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى

  7-ئاپرېل دۇنيا سەھىيە كۈنى. بۇ يىلقى باش تېما بولسا « يېمەكلىك بىخەتەرلىكى »، تەشۋىقات شوئارى بولسا « دېھقانچىلىق مەيدانىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى». دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليون ئادەم يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىكەن. تەركىبىدە زىيانلىق باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرت ياكى خىمىيەلىك ماددىلار بار يېمەكلىكلەر ئىچى سۈرۈشتىن باشلاپ راك كېسىلى قاتارلىق 200 نەچچە خىل كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئاشلىق كاپالىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.

  2008-يىلى 29-ئىيۇل كورىيە كارانتىن خادىمى بىر توڭلىتىش ئامبىرىدا ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان كالا گۆشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ ئامېرىكىدا 2003-يىلى 12-ئايدا كالا غالجىرلىق كېسىلى كۆرۈلگەندىن كېيىن، كورىيە ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەپ، بەش يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم 1.5 توننا سۆڭەكلىك كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. 2008-يىلى 5-ئايدىن 6-ئايغىچە كورىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكا كالا گۆشىنى ئىمپورت قىلىشقا قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…