باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك

2015.04.09 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

  مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 8 - ئاپرىل چۈشتىن كېيىن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى ھەم مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى نەيىم ياسىن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە، پۈتكۈل جەريانىدا باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىنغا قاتناشقان پارتىيەلىك مەسئۇل يولداشلار يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، سوت، تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش، نازارەتچىلىك، قارار، ۋەكىللەر قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرى ۋە مۇھىم پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ پىكرىنى ئېلىش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردە دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ پىكرىنى ئېلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانۇن، تەرتىپ بويىچە ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن تۇرغۇزۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش پىكرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق قانۇن - قائىدىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىشىمىز؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشىمىز ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىمىز؛ قانۇن تۇرغۇزۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە «بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇ يىل «دىن ئىشلىرى نىزامى»، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى»، «قېزىلما بايلىقلار قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - قائىدىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز؛ ئەدلىيە پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي سوت قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشىمىز، قاراپ چىقىشىمىز؛ مەخسۇس تېمىلىق سوئال سوراشتىكى رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە، ئىسلاھات تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ۋە خەلق ئاممىسى كۈڭۈل بۆلىدىغان بىر قانچە مەسىلىنى تاللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلاشقا بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس تېمىلىق سوئال سوراشنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ مۇدىرلار يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملار، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىگە قاراپ چىقىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەش، ئىتتىپاقلىشىشتا بەسلىشىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش تەلىپى بويىچە، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە ئورگان ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بۇ، نىجات سولتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇنلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر