باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى ئىككى خىل ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ

2015.04.10 14:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى 26 – مارت سوقۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، يەمەن پايتەختى سانائا قاتارلىق جايلاردىكى شىئە خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ھازىر نۇرغۇن ئەرەب دۆلىتى يەمەندە ‹‹قانۇننى قوغداش›› ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى. تەھلىلچىلەر: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشى ئىككى خىل ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، ئۇ خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يەمەننى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى كېچىكتۈرەلىسىمۇ، يەمەننىڭ مالىمان ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلىشى ناتايىن، دەپ قارىدى.

  شۇ كۈنى سەھەردە، يەنە يەمەن ھۆكۈمىتى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئاشكارا مۇراجىئەت قىلىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى سوقۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، خۇسەي قوراللىقلىرى ئىشغال قىلىۋالغان يەمەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە ئاناد ھەربىي بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن سانائا ئايروپورتى تاقالدى، بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش – قونۇشى ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى 100 سوقۇش ئايروپىلانى، 150 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، خۇسەي قوراللىقلىرىغا ھەربىي زەربە بەرگەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، قاتار، كۇۋەيت قاتارلىق دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر، شۇنداقلا مىسىر، ئىيوردانىيە، سۇدان، ماراكەش، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ياكى قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

  يەمەن سانائا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پىروفېسسورى نەجىب ھەلېب مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەن مەسىلىسىدىكى قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى. بۇ يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە خۇسەي قوراللىقلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇرلىشىمۇ، باشقا ئاقىۋەت پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.

  خۇسەي قوراللىقلىرى ئۇزاقتىن بۇيان يەمەننىڭ شىمالىدىكى سائادا ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىپ كەلدى. ئۇلار 2010 – يىلى ھۆكۈمەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئالتە يىلغا سوزۇلغان قوراللىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇلتۇر 9 – ئايدا خۇسەي قوراللىقلىرى پايتەخت سانائانى تىزگىنلىۋالدى. بۇ يىل 1 – ئايدا خۇسەي قوراللىقلىرى يەمەننىڭ زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى ۋە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ خادىنى نەزەربەند قىلدى.

  خادى 21 – فېۋرال سانائادىن قېچىپ چىقىپ، جەنۇبتىكى مۇھىم شەھەر ئادېنغا بېرىپ ئورۇنلاشتى ۋە زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 24 – مارت خۇسەي قوراللىقلىرى جەنۇبتىكى لاخىج ئۆلكىسى ۋە ئەددالى ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە خادىنى قوللىغۇچى قەبىلە قوراللىقلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. بىر كۈن كەسكىن جەڭ قىلغاندىن كېيىن، قەبىلە قوراللىقلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولدى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكىرى قورالنى تاشلاپ تەسلىم بولدى، خادى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەسىرگە چۈشتى.

  خۇسەي قوراللىقلىرى شەھەرگە قىستاپ كەلدى. يەمەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا ئەرەب دۆلەتلىرىنى يەمەنگە قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى. پۈتكۈل رايون ئىران شىئە ھۆكۈمىتى خۇسەي قوراللىقلىرىنى قوللايدۇ، دەپ قارايدىغان بولغاچقا، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەنگە قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىشى رايون سىياسىيسىغا تېخىمۇ كۆپ خىرىس تۈسى قوشتى.

  نەجىب ھەلېب سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندىكى ‹‹قانۇننى قوغداش››تا نېمە ئۈچۈن باشلامچى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ خۇسەي قوراللىقلىرىنى قوللاپ، خادى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى سىياسىي ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن خادىنىڭ مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھەرىكەت قوللانماي تۇرالمايدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى خۇسەي قوراللىقلىرى نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى ئادىل جۇبەييىر ۋاشىنگتوندا مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. مەقسىتىمىز يەمەننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى قوغداپ، خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يەمەننى تىزگىنلىۋېلىشىنى چەكلەش. بۇ ھەرىكەت ب د ت نىزامى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئەمەس.

  يەمەننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى فاتىخ ناسىر مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەن ۋەزىيىتىگە ھەربىي ئارىلىشىشى خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ جەنۇبتىكى رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ۋاقىتلىق توختىتالىسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ يەنىلا يەمەننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق. بۇ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن يەمەنلىكنىڭ خۇسەي قوراللىقلىرىنى قوللىشى، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.

  ناسىر مۇنداق دېدى: يەمەن تارىختا نۇرغۇن قېتىم چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزى ۋە مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، خەلق بۇنىڭغا ئىنتايىن سەزگۈر. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى يەمەن خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 48 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا قورال تاشلاپ تەسلىم بولدى. بۇ مەلۇم نۇقتىدىن خادى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  خۇسەي قوراللىقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەمەنگە قوراللىق ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇ قىلمىشى پۈتكۈل رايوننى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدۇ، دېدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر