باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى كېڭىشى قۇرۇلدى

2015.04.09 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى تۆنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 نەچچە ئەقىل ئامبىرى ۋە تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىق ئىىتىپاقى كېڭىشىنىڭ مەقسىتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى تەرەپ كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ سىياسەت خاراكتىرىلىك، ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن پىكىر تەكلىپ بېرىپ، دۆلەتلەر ئارا سىياسەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە كېڭىشىش، بىرلىكتە بەرپا قىلىش، بىرلىكتە بەھرىمان بولۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا بىر بەلۋاغ بىر يول ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى كېڭىشى قۇرۇلۇپ، بىر بەلۋاغ بىر يول ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى خارتىيىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى ھەمدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىق ئىىتىپاقى كېڭىشى قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خىتاپنامە ئېلان قىلىندى.يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى ھۆججەت، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندى، بىر يول بىر بەلۋاغ ئۇل ئەسلىھە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىياسەتلەرگە ئىزاھات بەردى ۋە ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر