باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو- ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى 30- ماي باشلىنىدۇ

2015.04.10 13:53   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو- ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى 30- ماي باشلىنىدۇ

  تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەنتەنىسىگە جور بولغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىللىرى كۆرگەزمىسى 30-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

  ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى 9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە خەلقئارا ئۆلچەمدىكى 800 دىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان، 7-ئاپرېلغىچە 315 يايما ئورنىغا ئىگە چىقىپ بولغان. ھازىر يەرمەنكىگە سودىگەر چاقىرىش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ، كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلاردىن باشقا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ قاتنىشىدىغان كارخانىلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىكى ئالاھىدە بىر يارقىن نۇقتا شۇكى، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گىروزىيە، ئاۋىسترىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۈزگە يېقىن كارخانىسىمۇ قاتنىشىدىكەن. يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سودا مىنىستىرلىقىدىن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى قەدەم تەشرىپ قىلىدىكەن.

  جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى تەسىرىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. مۇشۇنداق ئاز تېپىلىدىغان پۇرسەت بىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنى ئۆتكۈزۈش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنىمۇ ئاشۇردى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە مىللىي كارخانىلار ئۈچۈن ئۆز ماركىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئەلگە تۇنىتىدىغان، كارخانىلار ئارا چۈشۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان، ھەمكارلىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ياخشى سەھنە ھېسابلىنىدۇ. يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدىغان كارخانىچىلار مۇنبىرى، توختام ئىمزالاش مۇراسىمى، ئىقتىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، مەدەنىيەت-سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى يەرمەنكىگە تېخىمۇ مول مەزمۇن ئاتا قىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىسى قاتناشقان، يەرمەنكىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلار سانى 150 مىڭ (ئادەم /قېتىم) دىن ئاشقان. يەرمەنكىدىكى تۈرلۈك سودا-ھەمكارلىق پۈتۈشۈش سوممىسى ئىككى مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، خەلقئارالاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇشتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، پۇقراۋى يەرمەنكە ئۆتكۈزۈشتە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئۆرنەك يارىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەرمەنكە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزدىكى تاراتقۇلار، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق شىنجاڭدىكى تاراتقۇلار نۇرغۇن خەۋەر، مەخسۇس ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك يەرمەنكە ھەققىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر خىل تىلدىكى 1100 دىن ئارتۇق تاراتقۇ بىۋاستە خەۋەر تارقاتقان، 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ يەرمەنكە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۈچۈرۈپ تارقاتقان. مانا بۇ تەشۋىقاتلار يالغۇز يەرمەنكىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولغان. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا قىلىنغان ئەڭ كاتتا سوۋغا ھېسابلىنىدۇ. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش شۇكى، بۇلتۇرقى تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق يەرمەنكىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 6-نومۇرلۇق ھۆججەتنى تارقىتىپ، سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق قوللايدىغان جۇڭگونىڭ داڭلىق يەرمەنكىسى ئۈچۈن شىنجاڭ رايونىدىن ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…