باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يىللىق پاراۋانلىق ھەققى 40 مىڭ فوندستېرلىڭ بولغان 11 بالىنىڭ ئانىسى يەنە ھامىلىدار بولدى

2015.04.10 14:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەلىك 33 ياشلىق بىر ئايال 11 بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ زور سوممىدىكى پاراۋانلىق ھەققى، يەنى ‹‹باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى›› نى ئېلىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ساياھەتكە چىقىشى جامائەت پىكرىنى قوزغىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايال بالىلىرىنى ئېلىپ قىمار شەھىرى لاس ۋېگاسقا بېرىپ ھەشەمەتلىك ساياھەت قىلىپ ئارام ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 10 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەشنى پىلانلىغان، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرىدە تىك ئۇچار ۋە مەخسۇس شوپۇرى بار ھەشەمەتلىك پىكاپمۇ كەم بولمايدىكەن. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يىلدا ئالىدىغان 39 مىڭ فوندستېرلىڭ پاراۋانلىق ھەققىدىن كېلىدىكەن، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەدە بالىسى كۆپ بولغانلار پاراۋانلىق ھەققىگە ئاسانلا ئېرىشەلەيدىكەن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۆزىنىڭ بۇ پۇللاردىن ھۇزۇرلىنىش ھوقۇقى بار، دەپ ئويلايدىكەن.

  ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى بۇ ئايال يەنە ھامىلىدار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر