باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلار خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە قوش تىللىق سوتچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

2015.04.13 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا مىللىي رايونلاردىكى مىللىيچە خەنزۇچە قوش تىللىق سوتچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى بىرلىشىپ بېسىپ تارقىتىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: مىللىي رايونلاردىكى مىللىيچە خەنزۇچە قوش تىللىق سوتچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، 2020-يىلىدىن ئىلگىرى مىللىي رايونلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە قوش تىللىق سوتچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنىدا ھەر قايسى مىللەت خەلقى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل يېزىقىدا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.تارىخ ۋە ئوبيېكتىپ شارائىت قاتارلىق چەكلىمە بولغانلىقتىن ھازىر قوش تىللىق سوتچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سان ۋە سۈپەت جەھەتتە يەنىلا زور دەرىجىدە پەرق بار. مىللىي رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش ئېھتىياجى ۋە قوش تىلدا سوتلاش خىزمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، كەسپىي ساپاسى يۇقىرى، سانى بىرقەدەر يېتەرلىك ، مىللىي رايونلارنىڭ سوتلاش خىزمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان قوش تىللىق سوتچىلار قوشۇنىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقىش لازىم. 2020-يىلىدىن ئىلگىرى قوش تىللىق سوتچىدىن 1500 نى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ھەر بىر مىللىي رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىگە مۇتەخەسسىس تىپىدىكى قوش تىللىق سوتچىدىن تۆتنى سەپلەشكە كۈچ چىقىرىلىپ، مىللىي رايونلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە قوش تىللىق سوتچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قوش تىللىق سوتچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە ئېھتىياج بويىچە تەربىيىلەش، سوتلاشقا مۇلازىمەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، مۇۋاپىق پىلانلاش ، ئومۇميۈزلۈك مەدەت بېرىش، مۇستەقىل تەربىيىلەش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئېتىقادى چىڭ، سىياسىي تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى قوش تىللىق سوتچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. تەربىيىلەش سالمىقىنى زورايتىپ، قوبۇل قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قوش تىللىق سوتچىلارنى چېنىقتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنەۋۋەر قوش تىللىق سوتچىلارنىڭ تەربىيىلىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم. قوش تىللىق سوتچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، تەربىيىلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قوش تىللىق سوتچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر