تۆنۈگۈن جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدا كۆكدالا ئىسىملىك بىر شەھەر رەسمىي قۇرۇلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 18-مارت گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك بولغان كۆكدالا شەھىرىنى قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن شەھەرنىڭ «شى-شەھەر بىرلىشىش» ئەندىزىسى بويىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلىشنى تەستىقلىدى. كۆكدالا شەھىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغان 61يىلدىن بۇيان، شىخەنزە، ۋۇجياچۇ، ئارال، تۇمشۇق، بېيتۈن، باش ئەگىم، قاش دەريادىن كېيىن قۇرۇلغان 8-شەھەر بولۇپ قالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى