باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەسىپ يىللىق پۇلى كۈتۈنۈشنى يەنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

2015.04.13 14:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا كەسىپ يىللىق پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا كەسىپ يىللىق پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «چارە» دېيىلدى)»نى تارقاتتى. «چارە»دە، 2014 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بەلگىلەندى. بۇ، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، سىجىل ۋە كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە ۋە دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا كەسىپ يىللىق پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كەسىپ يىللىق پۇلى تۈزۈمى مەجبۇرىي ئورنىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى قوشۇمچە رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ؛ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ۋە ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەم بىلەن بىردەك قىلىنىپ، تۈزۈمنىڭ بىردەكلىكى ھەقىقىي قوغدىلىدۇ؛ ئورۇنلار بىلەن شەخسلەر تەڭ ھەق تاپشۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، شەخسلەر ئىسچوتى ئۇسۇلى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ؛ شەخسلەر ئىسچوت مەبلىغى خىزمەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يۆتكەپ بېرىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ شۇ شەخسنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىكى شەخسىي ئىسچوتتا ساقلانغان زاپاس سوممىغا ئاساسەن تەمىنات سەۋىيەسى بېكىتىلىپ، ھەق تاپشۇرۇش بىلەن تەمىنات چېتىلدۈرۈلىدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار كەسىپ يىللىق پۇلىنى بېجىرىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ؛ كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىدىن پايدىلىنىشتا بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش تىجارىتى يولغا قويۇلۇپ، قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ھۆكۈمەت تارماقلىرى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «چارە»دە، يەنە كەسىپ يىللىق پۇلىنى ئېلىش شەرتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. «چارە» ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يانداشما سىياسىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، گوۋۇيۈەن «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى، يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلى چارىسى»نى تارقاتتى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گۇڭ سېن: بۇ، كەسىپ يىللىق پۇلىنىڭ ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، دېدى.

  كەسىپ يىللىق پۇلى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  گۇڭ سېن مۇنداق دېدى: كەسىپ يىللىق پۇلى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كاپالىتىنىڭ بىر خىل قوشۇمچە تۈزۈمى بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىسى، كەسىپ يىللىق پۇلى تولۇق مەنىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەمەس، ھەم سودا سۇغۇرتىسىمۇ ئەمەس، بەلكى ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئىش ھەققى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككىنچىسى، كەسىپ يىللىق پۇلىنىڭ جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر بولۇپ، كەسىپ يىللىق پۇلى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەرپا قىلىنغان كاپالەت تۈزۈمى. ئۈچىنچىسى، كەسىپ يىللىق پۇلى مەبلىغىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى كەسىپ يىللىق پۇلى مەبلىغىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى بەلگىلىگەن.

  كەسىپ يىللىق پۇلى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل رول ئوينايدۇ: بىرىنچىدىن، كۈتۈنۈشنى تولۇقلاش رولى. «چارە» دە، كەسىپ يىللىق پۇلى ھەققىنى ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ ئىش ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8ى بويىچە تاپشۇرۇش، شەخسلەر ئىش ھەققىنىڭ %4ى بويىچە تاپشۇرۇش، ئورۇنلار بۇ پۇلنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، كەسىپ يىللىق پۇلى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ھەققىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن ئۇزارتىلىپ تۆلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كەلگۈسىدە پېنسىيەگە چىقىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كەسىپ يىللىق پۇلى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ سەپلىمە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مالىيە بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋردىن سىلىق ئۆتۈشىگە پايدىلىق. ئىككىنچىدىن، كادىرلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى رولى. كەسىپ يىللىق پۇلى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تۇتۇپ قېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلى مەجبۇرىي خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ

  كارخانا يىللىق پۇلى بىلەن كەسىپ يىللىق پۇلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ ھەقتە گۇڭ سېن مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، كەسىپ يىللىق پۇلى مەجبۇرىي يولغا قويۇلىدۇ، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار كەسىپ يىللىق پۇلىدىن بىردەك بەھرىمەن بولىدۇ. كارخانا كەسىپ يىللىق پۇلى مەجبۇرىي يولغا قويۇلمايدۇ. ئىككىنچىدىن، كارخانا يىللىق پۇلى تەسىس قىلغان قىسمەن ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلىنى يۆتكەش شەرتلىك بولىدۇ، مەسىلەن: بەزىلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بەش يىلدىن يۇقىرى خىزمەت تارىخى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق بۇ قېتىمقى «چارە»دە، كەسىپ يىللىق پۇلىنى شەرتسىز يۆتكەش پىرىنسىپى بېكىتىلدى، يەنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنى ئۆزگەرگەندە، شەخسلەر ئىسچوتىدىكى كەسىپ يىللىق پۇلى مەبلىغىنى بىر ۋاقىتتا يۆتكەشكە بولىدۇ. خىزمەتچىلەر ئۆرلەپ ئوقۇغان، ھەربىي سەپكە قاتناشقان ۋە ئىشسىز قالغان مەزگىلدە ياكى يېڭىدىن ئورۇنلاشقان ئورنىدا كەسىپ يىللىق پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىسچوتىدىكى كەسىپ يىللىق پۇلىنى ئەسلىدىكى باشقۇرغۇچى ئاپپارات داۋاملىق باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. يېڭىدىن ئورۇنلاشقان ئورۇندا كەسىپ يىللىق پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسا، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسچوتىدىكى كەسىپ يىللىق پۇلى مەبلىغى ئىشچى - خىزمەتچىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ. چەت ئەل (چېگرا سىرتى)دە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ ئىسچوتىدىكى كەسىپ يىللىق پۇلى مەبلىغى شۇ كىشىنىڭ تەلىپى بويىچە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدۇ. ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ۋاپات بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسچوتىدىكى قالدۇق كەسىپ يىللىق پۇلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

  بۇ «چارە»دە مۇنۇلار ئېنىق بېكىتىلدى: دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيەگە چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان ھەم قانۇن بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىپ پېنسىيەگە چىققانلار كەسىپ يىللىق پۇلى تەمىناتىنى ئايدا ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزى تاللايدۇ. سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشقا بىر قېتىمدىلا ئىشلىتىۋېتىشكە بولىدۇ، سۇغۇرتا پۈتۈمى بويىچە تەمىنات ئېلىشقا ھەم مۇناسىپ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ؛ شەخسلەر پېنسىيەگە چىققان چاغدىكى مۇناسىپ ھېسابلاپ تارقىتىش ئاي سانىغا ئاساسەن كەسىپ يىللىق پۇلىنى ئايدا تارقىتىشتىكى تەمىنات ئۆلچىمى بويىچە، تۈگىگىچە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىدىن پايدىلىنىشتىكى بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش تىجارىتىدە بازارنىڭ رولى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرۇلۇپ، بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ

  «چارە»دە، كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىدىن پايدىلىنىشتىكى بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش تىجارىتىگە ئالاقىدار مىزانلار ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى. گۇڭ سېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چارە»گە ئاساسەن، مالىيەدىن تولۇق سوممىلىق خىراجەت ئاجرىتىلمايدىغان ئورۇنلار كەسىپ يىللىق پۇلى تەسىس قىلسا، ئورۇنلار ھەق تاپشۇرغاندا، ئەمەلىي ھېسابات جۇغلانمىسى مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ. ئەمەلىي ھېسابات جۇغلانمىسىدىن شەكىللەنگەن كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىدىن پايدىلىنىشتا بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش تىجارىتى يولغا قويۇلۇپ، ئەمەلىي پايدا بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. كەسىپ يىللىق پۇلى فوندى سالاھىيەت ھازىرلىغان مەبلەغ سېلىش تىجارىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سېلىش تىجارىتى قىلىشى ھاۋالە قىلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، «چارە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىنى جەزمەن مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچى ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنىڭ مال - مۈلكى ياكى باشقا مال - مۈلۈكلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇپ، كەسىپ يىللىق پۇلى ۋە مال - مۈلۈكنىڭ مۇستەقىللىقىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا، باشقا ئىشقا يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. گۇڭ سېن مۇنداق دېدى: بۇ، كەسىپ يىللىق پۇلى فوندىدىن پايدىلىنىشتىكى مەبلەغ سېلىش تىجارىتىدە بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرۇپ، رىقابەت ئارقىلىق بىر قەدەر ياخشى بولغان فوند ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچى ۋە ئىسچوت باشقۇرغۇچىنى تاللاپ، ياخشى ئۈنۈم يارىتىلىدىغانلىقى ھەم خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر