باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ھالقىغان جىنايەتچىلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلدى

2015.04.13 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنستىرلىقى تۇنجى قېتىم مىنستىر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، تەشكىللىك دۆلەت ھالقىغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنستىرلىقى مىنستىر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، دائىم ئالاقىلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلايدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى ۋە قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەممىدىن مۇھىم. ئىككى تەرەپ: ئىختىلاپلارنى ئىجابىي خاراكتېرلىك باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، مول ئۈنۈملۈك جۇڭگو ئامېرىكا يېڭىچە قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  ئۇچرىشىشتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قېچىپ كەتكەنلەرنى، ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش، دېڭىزدىكى قانۇن ئىجراسى، ئىنتر تورى جىنايىتىگە زەربە بېرىش قاتارلىق ئالتە ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  ئۇنىڭ ئىچىدە قېچىپ كەتكەنلەر، ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىشقا چېتىشلىق ھەمكارلىقتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجراسى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، قېچىپ كەتكەنلەر ۋە ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش دېلوسى توغرىسىدا ئۈچۈردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسپاتى تولۇق بولغان نۇقتىلىق دېلولار توغرىسىدا خىزمەتنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى ھەققىدە قەرەللىك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى. ھەر قانداق بىر تەرەپ قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ قانۇن تەۋەسىدە تىرىشىپ قايتۇرۇپ كېلىشكە قوشۇلدى. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن چېرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارغا قاراتقان «ئاسمان تورى» ھەرىكىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقىنىڭ «تۈلكە 2015-» مەخسۇس ھەرىكىتىنى پائال قوللايدۇ.

  ئامېرىكا 11-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، قايتۇرۇپ بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە كۆچمەنلەر قانۇن ئىجراسى ئىدارىسى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ساياھەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەرەللىك ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش پىلانىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر