باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگولۇق پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.04.13 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاپرېل مىنىستىر جونسوننىڭ يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىردە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگولۇق پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىكى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جونسوننىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تاموژنا، كۆچمەنلەر، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ 9يىلدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ قالدى. زىيارەت ئارىلىقىدا، جونسون بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ، گوۋۇيۈەن ئەزاسى، ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۈن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

  جونسون بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كەلگەن ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىختىلاپلاردا «سەمىمىيلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى» بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر