باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 5-ئايدا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك قويىۋېتىلىدىكەن دېگەن سۆزلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس

2015.04.13 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۇڭ شۇلى تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېقىندىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن «بۇ يىل 5-ئايدا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك قويىۋېتىلىدىكەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىنكار قىلىپ: يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، دېدى. سۇڭ شۇلى جايلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئالاقىدار كونكرېت سىياسىتىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، جايلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىغا ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىش ئارقىلىق، يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، نوپۇس ۋەزىيىتى، نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن مۇناسىپ بولغان ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش شەرتى ۋە بەلگىلىمىسىنى چىقاردى، بۇ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا بېرىلگەن ھوقۇققا، شۇنداقلا مەركەزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر