باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

A دەرىجىلىك پاي چېكىنىڭ «بىر ئادەم بىر ئىسچوت ئېچىش»ى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

بۈگۈندىن باشلاپ بىر ئادەم 20 ئىسچوت ئاچقۇزسا بولىدۇ

2015.04.13 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇر 10-ئايدىكى ئادەتتىكى ئاپپاراتقا مەبلەغ سالغۇچى ۋە شاڭخەي، شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىدا شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىر ئادەم بىر ئىسچوت ئېچىش چەكلىمىسى قويۇۋېتىلگەن ئاساستا، جۇڭگو ئاكسىيە تىزىملاش-راسچوت قىلىش شىركىتى 12-ئاپرېل A دەرىجىلىك پاي چېكى بازىرىنىڭ 13-ئاپرېلدىن باشلاپ بىر ئادەم بىر ئىسچوت ئېچىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ئادەم ۋە ئاپپاراتقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن Aدەرىجىلىك پاي چېكى ئىسچوتى ۋە يېپىق شەكىلدىكى فوند ئىسچوتىدىن بىر قانچىنى ئاچقۇزسا بولىدىغان بولدى.

  بۇ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن ئاكسىيە ئىسچوتى كەسىپ قوللانمىسىغا ئاساسەن، بىر مەبلەغ سالغۇچى پەقەت بىرلا ھەممىباب ئىسچوت ئاچقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلالايدۇ. بىر مەبلەغ سالغۇچى A دەرىجىلىك پاي چېكى ئىسچوتى، يېپىق شەكىلدىكى فوند ئىسچوتىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 نى ئاچقۇزۇشنى، ئىناۋەت ئىسچوتى، B دەرىجىلىك پاي چېكى ئىسچوتىدىن پەقەت بىرنى ئاچقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالاقىدار كەسىپ قائىدىسىگە ئاساسەن، ئاپپاراتقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئاكسىيە تارماق ئىسچوتىدىن بىر قانچىنى، تەبىئىي ئادەم مەبلەغ سالغۇچىلىرى شاڭخەي، شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرى سودىسىدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ A دەرىجىلىك پاي چېكى ئىسچوتىدىن بىر قانچىنى ئاچقۇزغاندىن باشقا، بىرلا تۈردە ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولغان ئاكسىيە ئىسچوتىدىن پەقەت بىرنىلا ئاچالايتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر