خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 9-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى شىنچېڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇش مەيدانىنى تەكشۈردى، بۇ قۇرۇلۇش مېترو، يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، يەر ئاستى سودا سارىيى پىيادىلەر يولى سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. زۇڭلى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئىشچىلارنى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىكارلىرى دەپ ماختاپ مۇنداق دېدى: شەھەر يەر ئاستى قۇرۇلۇشى سىرتتىن كۆرگىلى بولمايدىغان «ئەستەر» قۇرۇلۇشى. لېكىن «ئەستەر»نى ياخشى قىلغاندىلا، شەھەرنىڭ يۈزى يورۇق بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى