باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قانداق قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟

2015.04.20 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە خەلقئارا تېلېۋىزىيەسى بەشىنچى قانىلى ئۆتكەن ھەپتە ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا سادىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىلنىڭ باشلىرى فىرانسىيە «چارلىز ھەپتىلىك ژۇرنىلى » تەھرىراتىنىڭ باش ئورگىنى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن تېررورچىلارنىڭ كۆلەڭگىسى فىرانسىيەگە يەنە چۈشۈپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئاسمىنىنى قاپلىدى. ياۋروپا نېمە ئۈچۈن تېررورىزمنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟

  خەۋەر قىلىنىشىچە، 8-ئاپرېل، فىرانسىيە خەلقئارا تېلېۋىزىيە بەشىنچى ئىستانسىسىنىڭ 11 قانىلى بىر قانچە سائەت ئىچىدە خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇم قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى ۋە ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىۋاتقان فىرانسىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ئىلگىرى: فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ فىرانسىيەگە سالىدىغان تەھدىتى مەڭگۈ مەۋجۇت دېگەن ئىدى.

  فىرانسىيەلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ياۋروپا كۈنسېرى ئېغىرىلىشىۋاتقان تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. فىرانسىيەنىڭ قوشنىسى ياۋروپانىڭ پايتەختى دەپ ئاتىلىدىغان بىلگىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى بىلگىيەلىك سۇرىيەگە بېرىپ غازات تەشكىلاتىغا قاتنىشىدىكەن.

  ئىسپانىيە كاتالونىيە رايونلىق ساقچى دائىرىلىرى 7-ئاپرېل بارىسلونا ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى رايوندا تېررورلۇق گۇماندارىدىن 11نى قولغا ئالغان، ئۇلار غازات تەشكىلاتىغا قاتنىشىپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئىسپانىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلىغان.

  ھەتتا ئادەتتە تىنچ، مۇقىم بولىۋاتقان شىمالىي ياۋروپامۇ بۇ يىل قىسقىغىنا بىر قانچە ئايدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

  فېۋرالدا دانىيەنىڭ پايتەختى كۇپىنھاگىندا ئىككى قېتىم ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇنىڭ بىر قېتىملىقىنى دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى تونىن سىمىت بىر مەيدان سىياسىي قەستلەش مەقسىتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتتى. ئاپرېلنىڭ باشلىرى نيو يورك ۋاقىت گېزىتى: نورۋېگىيەنىڭ فرېدرىكستادتىكى بىر كەنتتە توققۇز ياش كەينى كەينىدىن غازات تەشكىلاتىنىڭ لاگىرىغا قېتىلىپ كەتتى دەپ خەۋەر بەردى.

  ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئالتىنچى باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جون سۇئېركىنى: ھازىر تېررورىزمنىڭ ياۋروپاغا كۆرسەتكەن تەھدىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدن قېلىشمايدۇ دېدى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى ياۋروپا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇي خۇڭجيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەھلىل قىلىپ: تېررورىزىمنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى ياۋروپادا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى، ياكى بولمىسا بۇنى كونتروللۇقنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ، دېدى.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش گۈدۈكى توختىماي ياڭراۋتىدۇ، ياۋروپا بۈگۈنكى كۈندە نېمىشقا تېررورچىلار ھۇجۇم قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تېگى-تەكتىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، تېررورىزىمنىڭ ياۋروپادا يامرىشى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ياۋروپا جەمئىيىتىدە ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولىۋاتقان «كۆچمەنلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى تەس بولۇش» مەسىلىسى ياخشىلانمىدى، بۇ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى ياۋروپا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇي خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، كۆچمەنلەر ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر جەھەتتە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىلگىرى كۆپ خىل مەدەنىيەت سىياسىتىنى يولغا قويغان. بىراق، بۇ خىل سىياسەت يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ چەتكە قېقىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغاچقا، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى. كۆپ خىل مەدەنىيەت سىياسىتى بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مەلۇم دەرىجىدە تاشقى مەدەنىيەت بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.

  بۇندىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ئىزچىل ياخشىلانمىدى، بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتنىڭ گىرۋىگىدىكى كۆچمەنلەرنى ئوق ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ياۋرو رايونىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %11.2كە يەتكەن. سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار ئىكەن. سۇي خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەھۋالى ياخشىلانمىسا كۆچمەنلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.

  بۇ زىددىيەتلەر خەلقئارادا تېررورچىلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇندىن ئىلگىرىكى تەھلىللەردە: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ تىرادىگىيەسى پەقەت بىر قېتىملىق ئەسەبىي ئۇنسۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئەمەس، بۇ ياۋروپا جەمئىيىتىدىكى ھەر خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئۇزاقتىن بېرى جۇغلىنىپ پارتىلىشىدىن بولغان، دېيىلگەن.

  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ياۋروپا ئەللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قوللانغان ھەربىي ئىشلار بويىچە ئارىلىشىش سىياسىتىگە ئەگەشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى، شۇڭا ئۇلار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالدى.

  سۈي خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بۇ بىر ئىككى يىلدا تېزدىن باش كۆتۈردى، بۇ ياۋروپادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان تېررورىزىم ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنى مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر