باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرايلى

2015.04.16 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالمۇتانىڭ پۇرسىتى كۆپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرلىك[«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلايلى]ئالمۇتا شەھىرىنىڭ باشلىقى يەسىموۋ ھازىر قازاقىستان-جۇڭگو قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ قازاقىستاننىڭ چېگرا سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى باش ھەمكارلىق شېرىكى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالمۇتانىڭ جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلار بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئالمۇتا ھازىر جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى».قازاقىستاننىڭ مۇھىم تاشقى كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالمۇتا ئىزچىل يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى تۈرىگە پائال قاتناشتى.باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 9-ئايدا قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قازاقىستاندىكى ھەر قايسى ساھەلەر بۇنىڭغا قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى. قازاقىستان دۆلەت تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ لېدىرى مامىن مۇنداق دېدى: «قازاقىستان تەرەپ بۇ تەشەببۇسنى تامامەن قوللايدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ».

  «ليەنيۈنگاڭ−ئالمۇتا» نۆۋەتچى يۈك پويىزى بۇ يىل 25-فېۋرال جۇڭگو ليەنيۈنگاڭدىن تۇنجى قېتىم يولغا چىقىپ، ئالتە كۈندە ئالمۇتاغا يېتىپ باردى. بۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت مۇھىم تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىنكى جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ تۇنجى قېتىم ئەشيا ئوبوروت جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ جايدىكى مۇتەخەسسىس تۇلىشوف مۇنداق دېدى: «بۇ، پورتى يوق قازاقىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، قازاقىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە قېزىلما بايلىق، خام ئەشيا قاتارلىق ماللىرىنى جۇڭگو ھەتتا پۈتۈن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئېكسپورت قىلىشىغا قولايلىق بولىدۇ، بۇ ھەم قازاقىستاننىڭ چېگرا ترانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا پايدىلىق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات <تېز پويىزى>غا چىقىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر