باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز سوت مەھكىمىلىرى 1-مايدىن باشلاپ دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

2015.04.16 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 15-ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى 2015-يىلى 1-ئاپرېل «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 15-ئاپرېل بۇ پىكىرنى بېسىپ تارقىتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك دېلولارغا قارىتا، دېلو بولسا چوقۇم دېلو تۇرغۇزۇپ، ئەرزنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. پىكىر 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «توغرا بولغان سىياسەت يۆنىلىشىدىن تەۋرەنمەي، قانۇننى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئاساس قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دەۋالاشقۇچىنىڭ ئەرز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېلولارنى چوقۇم قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس ھەر قانداق سەۋەب بىلەن سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قوبۇل قىلىشىنى توسماسلىقى كېرەك».

  پىكىردە مۇنۇلار بەلگىلەندى: «دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەسلەپكى دېلوسىغا قارىتىلغان بولۇپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش، باشقىدىن سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى ئەرز قىلىشقا دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى تەتبىقلانمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر