باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا 201 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان توك 300 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشۇرۇلىدۇ

2015.04.16 15:00         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا 201 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. 2020 - يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 50 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، يىللىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى 300 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇ يىلىغا 100 مىليون توننا كۆمۈرنى تېجىگەنگە تەڭ بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، 2020 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون شەرقىي جۇڭغار −− چېڭدۇ، شەرقىي جۇڭغار - شەرقىي جۇڭگو 1100± كىلوۋولتلۇق ۋە قۇمۇلنىڭ شىمالىدىن چۇڭچىڭغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ئىلى - پاكىستان 066± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، چاقىلىق - چىڭخەي خۇاتۇگۇ 750 كىلوۋولتلۇق ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچى - سانجى شەھىرى ئايلانما ئېلېكتىر تورى، تەڭرىتاغ شەرقىي ئايلانما تورى، تەڭرىتاغ غەربىي ئايلانما تورى، قەشقەر - قىزىلسۇ يادرولۇق رايون ئايلانما تورى ۋە تارىم ئايلانما تورىدىن ئىبارەت 750 كىلوۋولتلۇق بەش ئايلانما تورى پۈتۈپ توك يەتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتكەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال ئاساسىي بىرلەشمە تورىنىڭ 1 -، 2 - يولىدا «بەش تۇراقلىق توك، ئۈچ ئۆزگىرىشچان توك»نى سىرتقا يەتكۈزۈش ئېلېكتىر يولى شەكىللىنىپ، غەربىي قىسىم چىگرا رايوننى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان «ئېلېكتىر كۈچى يىپەك يولى»غا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مول كۆمۈر ۋە شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئۆز جايىدىلا ئېلېكتر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە - شەھەرلەر ۋە چەت ئەللەرگە يەتكۈزۈپ، «توكنى كۆمۈرنىڭ، نېفىتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، توكنىڭ يىراقتىن پاكىز ئېنېرگىيە بولۇپ كېلىشى» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، «كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭگوغا يەتكۈزۈلىدىغان» يېڭى ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى» 13 مىليون كىلوۋات بولۇپ، «بەش تۇراقلىق توك، ئۈچ ئۆزگىرىشچان توك»نى سىرتقا يەتكۈزۈش ئېلېكتىر يولى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر