باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى مەخسۇس تۈزەشنى باشلىغاندىن بۇيان، بەش سودا تور بېكىتىنىڭ 13 مىڭ 883 بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىسچوتى بىر تەرەپ قىلىندى

2015.04.16 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز، بيېجىڭ، 15- ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن 15- ئاپرېل ئىگىلىشىمىزچە، «توردا قاقتى سوقتى قىلىش ۋە ھەقلىق چاپلىما ئۆچۈرۈش»نى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر قايسى سودا تور بېكەتلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئىزدەپ، بەلگىلىمە خىلاپ ئىسچوت ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىد بىر تەرەپ قىلىپ، باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سىنا، سۇخۇ، ۋاڭيى، بەيدۇ، تېڭشۈن قاتارلىق بەش سودا تور بېكىتى«توردا قاقتى سوقتى قىلىش ۋە چاپلىمىنى ھەقلىق ئۆچۈرۈش» مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساختا خەۋەر، چاپلىمىنى ھەقلىق ئۆچۈرۈش، سەلبىي خەۋەر كۆپىيىپ كېتىىش، سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن بېكەت قانىلى، ماقالە كېلىش مەنبەسى قېلىپلاشمىغان بولۇش، ماقالىدىن قالدۇرۇۋېتىش تەرتىپلىك بولماسلىق، خىزمەتچىلەر توردا قاقتى سوقتى قىلىشقا قاتنىشىش ۋە چاپلىمىنى ھەقلىق ئۆچۈرۈشتەك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تۈزەتتى ۋە ئۆزگەرتتى. ھازىرغىچە 14 مىڭ 883 بەلگىلىمە خىلاپ ئىسچوت تاقالدى ۋە توسۇپ قىلىندى، بەلگىلىمىگە خىلاپ 17 مىڭ 44 ئۇچۇر ئۆچۈرۈلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر