باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشقا تېرىشماقتا

2015.04.20 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ، بىر يولنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىغا ئايلاندى، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىغا، ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە شەھەرلەر توپىنىڭ مەركىزىي بەلبېغىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى قاتناش تۈگۈنلۈك مەركىزى، سودا ئوبوروت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مائارىپ، مەدەنىيەت مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى بولۇش ئىقتىدارىنى دەل ۋاقتىدا ھازىرلىدى، ئۈرۈمچى يەنە بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز مۇھىم پۇرسەتكە ئېرىشتى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: قولاي، ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكى-ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولۇشتىكى ئورنى ۋە رولىنى بەلگىلىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جى ئىشەنچكە تولغان ھالدا، چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا، جېڭجۇ-شىنجاڭ-ياۋروپا قاتارلىق تۆمۈريوللارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ ئاچقان غەربكە يۈزلەنگەن خەلقئارا پويىز تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە دېدى. 2011-يىلى 3-ئايدا، چۇڭچىڭدىن گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا بارىدىغان چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا خەلقئارا يۈك پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، ۋۇخەن-شىنجاڭ-ياۋروپا، جېڭجۇ-شىنجاڭ-ياۋروپا، شىئەن-شىنجاڭ-ياۋروپا، يىۋۇ-شىنجاڭ-ياۋروپا قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارا يۈك مەخسۇس پويىزلىرى شىنجاڭدىكى تۆمۈريول چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقىپ، يىپەك يولىدا توختىماي قاتناپ، غەربىي ئاسىيا يۈك پويىزى، گىرۇزىيە يۈك پويىزى، رۇسىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا يۈك پويىزى قاتارلىق غەربكە بارىدىغان بەش خەلقئارا لىنىيەنى ئاساسەن شەكىللەندۈردى. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، غەربكە بارىدىغان خەلقئارا پويىز ھەر ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، پۈتۈن يىللىق نىشان يۈز پويىزغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  سودا ئوبوروت مەركىزىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى بەش چوڭ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇلانباي خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت بازىسى، مىچۈەن كۆكتاغ تاشيول ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، ئايرودۇرۇم ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، خەلقئارا تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت باغچىسى گەنچۈەنباۋ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى قۇرۇلۇشلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئەنئەنىۋى ئەشيا ئوبوروت قارىشى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئالاقە تورى سانلىق مەلۇماتى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان قۇرۇقلۇق پورتى تىرانسپورت باشقۇرۇش سودا سەھنىسى تىجارەت زالىنىڭ مەسئۇلى دىڭ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەشيا ئوبوروت كەسپىدە ئاساسلىقى ئالاقە تورى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىمىز، خېرىدارلار توردا سودىلىشىدۇ. بۇ سەھنىنىڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭدا ئۇچۇر ئېنىق، سودا قولاي، ئۈنۈمى يۇقىرى، بىخەتەرلىكى ياخشى. جەمئىي ئىككى مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان تۈگۈن بازىسى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك تۈرى «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى، بۇ-توردىكى ئۇچۇر سەھنىسى ۋە توردىن سىرتقى مال ئوبوروت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر