باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىسلامئابادتا پاكىستاننىڭ ئارمىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.04.22 09:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئىسلامئابادتا پاكىستان ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەخمۇت، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى شېرىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى زاكىرا، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ئامان قاتارلىق ئارمىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاكىستان ئارمىيەسى-جۇڭگو بىلەن پاكىستان دوستلۇقىنىڭ ئاساسى، ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە بىزنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز- پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارمىيەلىرى يۇقىرى قاتلاملىقلار ئۆز-ئارا زىيارەتتە بولۇش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، مۇداپىئە بىخەتەرلىك كېڭىشىش مېخانىزمىنى ياخشى ئىشلىتىپ، بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، بىرلىشىپ تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مەزمۇنىنى تولۇقلىشى كېرەك.

  مەخمۇت قاتارلىق پاكىستاننىڭ ئارمىيە دائىرىلىرى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر