باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گۇاڭشى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشىكىنى ئاچتى

2015.04.22 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ۋېيتنام چېگرىسىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئېغىزى بولغان گۇاڭشى دوڭشىڭ چېگرا ئېغىزىدا 19-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئون مىڭدىن ئارتۇق ۋېيتناملىق سودىگەر تاموژنىدىن تېز ئۆتۈش ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرىپ يېڭى بىر كۈنلۈك سودىسىنى باشلىدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى-جۇڭگودىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تۇتىشىدىغان بىردىنبىر ئاپتونوم رايون، شىمالدىكى بېيبۇۋەن بولسا جۇڭگونىڭ غەربىدىكى تېپىلغۇسىز دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى. ئىككى مىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا بېيبۇۋەن ساھىلىدىكى خېفۇ قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولى باشلانغان پورتلارنىڭ بىرى بولغان.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: گۇاڭشى-جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى پورت شەھەرلىرى ھەمكارلىق تورى قۇرۇش، رايون خەلقئارا سۇ قاتنىشى مەركىزى بەرپا قىلىش، نەننىڭنى تۈگۈن قىلغان بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېچىلغان يېڭى يول قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن مۇھىم ھاۋا قاتنىشى ئۆتىڭىنىڭ تۈگۈنىنى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئۆتۈشمە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يولىنى تېرىشىپ بەرپا قىلدى.

  نۆۋەتتە، گۇاڭشى بېيبۇۋەن پورتىنى مەركەز قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى 47 پورت بىلەن بولغان دېڭىز ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى پورت ھەمكارلىق تورىنى تېزدىن بەرپا قىلماقتا. گۇاڭشى دۆلەت ئىچىدىكى تۆمۈريول دېڭىز بىرلەشمە قاتناش لىنىيەسىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى، ياۋروپا بىلەن بولغان تۆمۈريول بىرلەشمە قاتناش لىنىيەسىنى كېڭەيتىش ئۈسىتەد پائال ئىزدىنىپ، بىر بېشىدا 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى، يەنە بىر بېشىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا يېڭى يولنى تەدرىجىي ئاچماقتا. بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا، گۇاڭشىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان تۇنجى قۇرۇقلۇق بىۋاسىتە يولى بولغان ۋېيتنام-گۇاڭشى-سۇجۇ-مانجۇلى-ياۋروپا پويىزىغا بېسىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەشيا رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. بۇ تۆمۈريول بىرلەشمە قاتنىشىنىڭ كۆپ دۆلەت چېگرىسىدىن ئۆتۈش يولىدا ئالدى بىلەن جۇڭگو-ۋېيتنام بىۋاسىتە پويىزى ئەشيالارنى ۋېيتنامدىن جۇڭگودىكى دوستلۇق چېگرا ئېغىزىغا يەتكۈزىدۇ، ئارقىدىن سۇجۇ باجدىن خالىي رايونىغا ئاپىرىلىدۇ، ئاندىن كېيىن سۇجۇ-مانجۇلى-ياۋروپا خەلقئارا پويىزى ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلنىڭ مانجۇلى ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقىپ، ئاخىرىدا موڭغۇلىيە ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  گۇاڭشىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 55 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو-مالايسىيە چىنجۇ كەسىپ باغچىسى-جۇڭگو بىلەن مالايسىيە ھۆكۈمەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېتەكچى تۈرى، ئۇ-مالايسىيە-جۇڭگو گۈەندوڭ كەسىپ باغچىسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت قوش كەسىپ باغچىسى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇشىدىكى مۇھىم كەسپىي ھەمكارلىق تۈرى. كەسىپ باغچىسى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-مالايسىيە چىنجۇ كەسىپ باغچىسى نۆۋەتتە ئۈچ مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، 7.87 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئىش باشلاش رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بىر تۈركۈم تۈرلەر بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر