باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 3904 كىشى قازا قىلدى

2015.04.28 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېپالدىكى كاتماندۇدىن جۇڭگو شىزاڭدىكى رىكازاغىچە بولغان «25-ئاپرېل» كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئەھۋالىنېپالدا 25-ئاپرېل سائەت 14:11لەردە 7.9 بال(جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ تورى 8.1 بال دەپ ئۆلچىدى) يەر تەۋرىدى. بۇ قېتىمقى نېپالنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى گوركا ناھىيەسىنىڭ پوكارانى تەۋرەش مەركىزى قىلغان كۈچلۈك يەر تەۋرەش جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى جايلارغا تەسىر كۆرسەتتى. نېپالنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 27-ئاپرېل كەچ، نېپال چېگرىسى ئىچىدە 3904 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 7980 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  نېپال يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدا قاتناش توسۇلۇپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ، قۇتقۇزۇش كۈچلىرى يېتىشمەي، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي...... قۇتقۇزۇش خىزمىتى جاپالىق ئېلىپ بېرىلماقتا. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق دۆلەتلەر ۋە ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار نېپالغا بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇندى. جۇڭگو شىزاڭنىڭ رىكازا شەھىرى «يەر تەۋرەشتىكى يېگانە ئارال»غا ئايلىنىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ، يوللار گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش توسالغۇغا ئۇچرىدى.... قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مىنۇت، سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئىمكانقەدەر تېزدىن «ھاياتلىق يولى» ئېچىشقا تىرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر