باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە تۇنجى مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2015.04.30 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەلىك مېيىپلار ئىدارىرىسىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن ناھىيەلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا تۇنجى مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى 27-ئاپرېل رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ تۈردىن بۇ ناھىيەدىكى ئۇزۇن مۇددەت سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان 5000 دىن ئارتۇق مېيىپ كىشى مەنپەئەتلىنىدۇ.

  بۇ مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگەن كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ كۆلۈمى 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تۇرمۇش ھاجىتى تۈرى، ئۇچۇرلىشىش پىكىر ئالماشتۈرۈش تۈرى، ئۆي جاھازىلىرى توسالغۇسىز تۈرى، فۇنكىسسىيىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش تۈرى، مىڭىسى پالەچ ئۆسمۈرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرگە تۈرلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنلىرى سەپلىنىپ، ئۈچ نەپەر كەسپىي يېتەكچى قويۇلغان بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق مېيىپ كىشى بىرلا ۋاقىتتا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارالايدۇ. داۋالانغاندىن كېيىن دوىتۇرخانا مەخسۇس داۋالاش لايىسى، داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنى تىل، سەزگۈ قاتارلىق جەھەتلەردىن سېستىمىلىق داۋالايدۇ.

  ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى بۇ ناھىيەدىكى ئۇزۇن مۇددەت سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇھتاج بولىۋاتقان ھەر مىللەت مېيىپ كىشلىرىنى ياخشى بولغان سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سورۇنىغا ئىگە قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر