باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف بىلەن تېلېفونلاشتى

2015.04.29 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ نەزەربايېفنىڭ يەنە بىر قېتىم قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-قازاقىستان سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. قوشنىلار ئارا دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىشتەك جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ماس كېلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆز رايونىنىڭ مۇقىم گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، قازاقىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى، قازاقىستان تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقى، قازاقىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى قەتئىي قوللايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش رامكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ نەزەربايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىدۇ. قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  نەزەربايېف جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستاننى ئۇزاقتىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۇر بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاپ، قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر