خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى تورىنىڭ 26-ئاپرېل تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ نېپالدىكى يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا بولغان قەتئىي قوللىشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمېتى نېپال ھۆكۈمېتىگە چېدىر، يۇڭ ئەدىيال، گېنىراتور قاتارلىق 20مىليون يۈەنلىك ئاپەت رايونى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، نېپال تەرەپنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. نېپال تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ كېيىنكى قەدەملىك ياردەم قىلىنىدۇ.
دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 27-ئاپرېل تارقاتقان ئۇچۇردا، جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 186توننا جىددىي ماددىي ئەشياسى 27- ۋە 28-كۈنلىرى 4قېتىم ھاۋادىن نېپالغا توشۇلىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى