خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 22-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتىنىڭ باتىندا شەھىرىدىكى 34ياشلىق دېھقان راجپال سىنگى ئالدىنقى كۈنى ئاشقازىنى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، دوختۇر ئۇنىڭ ئاشقازىنىدىن نەچچە يۈز تەڭگە پۇل، تۆمۈر مىق قاتارلىق «نازۇ-نېمەتلەر»نى بايقىغان.
دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، سىنگىنىڭ ئاشقازىنىدا نەچچە يۈزلىگەن غەلىتە نەرسىلەر بار ئىكەن، ئۆتكەن 3يىلدا سىنگى 140دىن ئارتۇق تەڭگە پۇل، 150تال مىق ھەمدە بىر مۇنچە ۋېنتا، گايكا، ماگنېت ۋە باتارىيەلەرنى «ئىستىمال قىلغان».
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى