باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا «يىللار» ناملىق پاراخوتنىڭ كېمە باشلىقىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

2015.04.29 15:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە كۋاڭجۇ ئالىي سوت مەھكىمىسى 28-ئاپرېل «يىللار» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ كېمە خادىملىرىغا 2-سوت ئېچىپ، كېمە باشلىقى لى جۇنسېئوكنى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈردى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ كورىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۆلۈش-يارىلىنىشقا ئالاقىدار ھادىسىلەردە جىنايەتنى تۇنجى قېتىم «قىلىدىغاننى قىلماسلىقتىن شەكىللەنگەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا كېمە باشلىقى لى جۇنسېئوكنىڭ زور مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىدى. لى جۇنسېئوك 400 نەچچە يولۇچىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ قۇتقۇزۇشنىڭ دەل ۋاقتىدا ھېچقانداق قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغان ۋە رادىئودا پاراخوتتىن قېچىش بۇيرۇقى بەرمەيلا ئۆزى ئالدى بىلەن قېچىپ كەتكەن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ۋاسىتىلىك قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر