باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

(2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى)

2015.04.29 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جەريانىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسپلەردە بىر تۈركۈم ئىش ئورنىنى سۆيىدىغان، كەسپنى قەدىرلەيدىغان، پائال يېڭىلىق يارىتىدىغان، يۈكسەك پەزىلەتلىك، نەتىجىسى گەۋدىلك ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلار دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىكى دەۋر نەمۇنىچىلىرى. ئۇلارنىڭ گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش، ئۇلۇغ دەۋر روھى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشمىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشكە يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈزىسىدىن «1- ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى» كېلىش ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بەي يۇڭمىڭ قاتارلىق 2064 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ۋۇ شېن قاتارلىق 904 كىشىگە ئىلغار خىزمەتچى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچى دېگەن شەرەپلىك نامنى ئالغان يولداشلارنىڭ شان شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ تىرىشىپ،داۋاملىق ئىدىيەدە مۇستەھكەم نەمۇنىچى، ئەمگەكچان نەمۇنىچى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەمۇنىچى بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر