باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى زۇڭتۇڭى ئوبياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى

2015.04.29 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا ئوبياڭنى كۈتۈۋالدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى زۇڭتۇڭى ئوبياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئىكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوبياڭ زۇڭتۇڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈشكە كۈچ چىقاردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى ۋە ياخشى دوستى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 45 يىل بولدى. 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى ئۆزئار ياردەملىشىپ، جاپالىق كۈنلەردە بىللە بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى رىشتى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر