ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بېرما فىدىراتسىيەسى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلىش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، فىدىراسىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە خەلق پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋۇ رۈيمەن باشچىلىقىدىكى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلىش پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىلەر بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، بېرما فىدىراتسىيەسى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلىش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، فىدىراسىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە خەلق پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋۇ رۈيمەن باشچىلىقىدىكى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلىش پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بىۋاسىتە ئورناتقان. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى 65 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتتى، بۇنىڭدىكى سەۋەب بىز ئىزچىل ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرىغا ھۈرمەت قىلىپ كەلدى، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى چۈشەندى ۋە قوللىدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-بېرما مۇناسىۋىتىگە ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى دۆلەت چېگرىسىنىڭ تېنچلىقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى