ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى:23- ئاپرېل، «دۇنيا كىتاب ئوقۇش» كۈنىدىن ئىبارەت خاسىيەتلىك بىر كۈندە، «يىپەك يولى»دىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت شەھەر، قەدىمىي ئاستانە، ئەزىزانە قەشقەرنىڭ بىلىم بېغىدا «قەشقەر قۇتادغۇبىلىگ كۇتۇپخانىسى»دىن ئىبارەت بىر گۈل پورەكلەپ خۇش پۇراق چاچتى. كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم، ئىمىن ئەخمىدى، ئارسلان تالىپ، ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى، مۇھەممەد پولات، ئەخەت تۇردى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، تاھىر تالىپ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق يازغۇچى-شائىر، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، مۇھەررىر- ژۇرنالىستلار، زىيالىيلار، يەككە-خۇسۇسى ئىگىلىك كارخانىلىرىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى-تىجارەتچىلەر قاتناشتى.
قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ ئىلىم - مەرىپەت ئوچىقى، پەن - مەدەنىيەت بۆشۈكى، «يىپەك يولى» بويىدىكى چاقناپ تۇرغان يېشىل مەرۋايىت دەپ تەرىپلىنىپ، جاھان ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر سېھىرلىك ماكان. مانا بۈگۈن ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي ۋە مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بارلىقىنى ئىلىم-پەنگە ۋە ئەۋلادلارغا بېغىشلاش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، ۋەتەن-خەلققە ئىلىم-مەرىپەت نۇرى ئارقىلىق بىباھا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كىتابنى مەڭگۈ ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەپ قاراشتەك ئۇلۇغۋار روھىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆچمەس ئىزىدىن ماڭغان قەشقەر شەھىرىدىكى ئىلىم سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر، دەۋر روھىي ۋە تەلىپىنى چۈشىنىدىغان ئوسمانھاجىم نىياز قاتارلىق 10 نەچچە نەپەر كارخانىچى، يەككە تىجارەتچىلەر بۈيۈك بىر ئۇلۇغۋار مەقسەتتە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئاستىدا، خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە ئىلىم-پەن شامىنى يورۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، نادانلىقنى تۈگىتىپ، خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، «قەشقەر قۇتادغۇبىلىگ كۇتۇپخانىسى»نى قۇرۇپ، كەڭ ئاۋام ئۈچۈن تەقدىم ئەتتى.
بۇ كۈتۈپخانا قەشقەر شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى 35- نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 330 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ كارخانىچى، يەككە تىجارەتچىلەر بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىچى-تېشىنى مىللىي ئۇسلۇبتا يېڭىدىن ئومۇميۈزلۈك بېزەپ، كۇتۇپخانىغا كېتەرلىك شىرە-ئورۇندۇق، كىتاب، گېزىت-ژۇرنال جاھازىسى سېتىۋالدى. 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، پەن-تېخنىكا، قانۇن، سىياسەتكە دائىر تۈرلۈك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ تەييارلىدى. بۇنىڭغا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىندى.
پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئىلىمخۇمار زىيالىيلىرىمىز، كارخانىچى يەككە تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئامما ئۈچۈن مەدەنىيەت سورۇنى، بىلىم ئېلىش مەيدانى ھازىرلاپ بېرىشى قەشقەرنىڭ ئوبرازىنى نۇرلاندۇرۇش، خەلقنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «قەشقەر قۇتادغۇبىلىگ كۇتۇپخانىسى»نىڭ ئېچىلىشى بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى.
«قەشقەر قۇتادغۇبىلىگ كۇتۇپخانىسى» قەشقەر شەھىرىدىكى خەلق ئاممىسىنى كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئىگىلەشكە، مەدەنىي شەھەر ئاممىسىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىلىم ئۆگىنىپ مەدەنىيەتكە ئىنتىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى قوراللاندۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ.