- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قويدى
2015.04.17 11:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلىنىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تۇنجى قېتىم توردا تىزىمغا ئالدۇردى.
تۈنۈگۈن ، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىش شەكلىنى قوللىنىپ، سانلىق مەلۇمات توپلاپ، ھەرقايسى تىزىمغا ئالدۇرغان مەكتەپ ئۆز مەكتىپىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىشىنى توردا بىر تۇتاش تاماملايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، توردا تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى تاللاپ بولغان بولۇشى كېرەك . تەنتەربىيە ئىمتىھانىدا، چوقۇم بېرىدىغان ئىمتىھان تۈرى ۋە تاللاپ بېرىدىغان ئىمتىھان تۈرى بار . توردا تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر