2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى 2016-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەستىقلىغان، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى، بۇ شىنجاڭنىڭ بىرىنچى قېتىم مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشى ھەم دۆلەت ئىچىدە ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ قىش پەسىللىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچىسى بولدى، شىركەت لېدىرى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندى بىلەن تەشكىلىي ھەيئەت نەق مەيداندا ئىمزا قويدى. شۇنداق قىلىپ، قارلۇق شىركىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ قۇت بەلگىسى «قار لەيلىسى»نىڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون ئوبرازىنى لايىھەلەشكە، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فىلىمىنى، يانفون ئويۇنىنى ئىشلەشكە ھەمدە باشقا كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھوقۇق بېرىش خىزمىتىگە تولۇق مەسئۇل بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كارتون تەشۋىقات فىلىمىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تەشكىلىي ھەيئەت مەملىكەت دائىرىسىدە 1700 ئالاھىدە ئىجازەتلىك دۇكان تەسىس قىلدى، قارلۇق شىركىتى ئىشلەشنى ئۈستىگە ئالغان قۇت بەلگە «قار لەيلىسى» نىڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون ئوبرازىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتلىرى ئوخشاش مەزگىلدە بۇ دۇكانلارغا سېلىنىپ، تەنتەربىيە كەسپى ھەمدە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قارلۇق شىركىتىنىڭ لېدىرى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىشى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە نىسبەتەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەنتەنىلىك يىغىندۇر. شىنجاڭدىكى يەرلىك يۇقىرى تېخنىكا مەدەنىيەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارلۇق شىركىتى يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۆزنەك قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ!
مەنبە: قارلۇق شىركىتى