باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى

2015.04.16 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇشنى پىلانلاش باش ئىجرائىيە سۆھبەت ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى شى ياۋبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «15-ئاپرېلغا قەدەر، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەت 57 گە يەتتى. 31-مارتتىن ئىلگىرى شۇنداقلا 31-مارت كۈنى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان دۆلەتلەر كۆپ تەرەپتىن پىكىر ئېلىش تەرتىپى بويىچە رەسمىي ھالدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان 57 ئەزا دۆلەت ئارىسىدا، رايون ئىچى دۆلىتىدىن 37سى، رايون سىرتى دۆلىتىدىن 20سى بار بولۇپ، ئاسىيا، ئوكيانىيە، ياۋرۇپا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا قاتارلىق بەش قىتئەنى قاپلىغان».

مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر